ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدا تېمپېراتۇرا قايتا ئۆرلەپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىللىشقا باشلىدى

2025.11.20 15:12 مەنبە: خەلق تورى

سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسملىرىنىڭ تېمپېراتۇراسى ئومۇميۈزلۈك قايتا ئۆرلەپ، تەدرىجى ئىللىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھۆل-يېغىن ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، شىمالنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپلا قالماي، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ نىسپىي نەملىكىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ