
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار خاتا سۆزلىرى جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا تۈپتىن زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق غەزىپىنى قوزغىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئەگەر ياپونىيە تەرەپ قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، ھەتتا قايتا ـ قايتا خاتالىق ئۆتكۈزسە، جۇڭگو تەرەپ قاتتىق، قەتئىي قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنى ياپونىيە تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. «جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنى خاتا سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىپ، جۇڭگوغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ۋەقە تۇغدۇرۇشنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خاتالىقىنى تونۇپ، ئېغىشىنى تۈزىتىپ، جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداشقا كەسكىن دەۋەت قىلىدۇ».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ