گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: 10 مىڭدىن ئارتۇق پاش قىلىش پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋالدۇق

2025.11.20 15:11 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى «< تەيۋەن مۇستەقىللىقى > چوماقچىلىرى، قولچوماقچىلىرىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى»نى ئاچتى، نۆۋەتتە تاپشۇرۇۋالغان پاش قىلىش ئەھۋالى قانداق؟ چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ پاش قىلىنغۇچىغا قانداق جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» چوماقچىلىرى، قولچوماقچىلىرىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئالاقىدار پاش قىلىش يىپ ئۇچلىرى ئۈزۈلمىدى، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پاش قىلىش پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» چوماقچىلىرى، قولچوماقچىلىرىنى قاتتىق جازالاشنى ئۈمىد قىلىش پوزىتسىيەسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ «تەيۋەن ھەمكارلىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بىز ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» چوماقچىلىرى، قولچوماقچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈشىىنى قوللايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ