3 ـ نۆۋەتلىك 5 ـ تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىشىپ بولدى

2025.11.20 15:06 مەنبە: خەلق تورى

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 1-نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 3 ـ نۆۋەتلىك 5-تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە ئون نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلاشتى.

بۇ تۈركۈمدىكى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى دائىملىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن سەككىزنى تەشكىللەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە (شەھەر)، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو باۋۋۇ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت بەش مەركەز كارخانىسىنى دائىملىق نازارەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈركۈمدىكى نازارەت قىلىشتا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (شەھەر)دە بۈيۈك قانالنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىدۇ.

دائىملىق نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە مەخسۇس نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا، ھەرقايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سەككىز دائىملىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى، ئىككى مەخسۇس نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلىپ، نازارەت قىلىش، ماسلىشىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش، كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئەھۋال تونۇشتۇرۇش، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ماسلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىپ تۈزەش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سەككىز دائىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش ۋاقتى بىر ئاي، ئىككى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش ۋاقتى ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، سەككىز دائىملىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش جەھەتتە كەلگەن خەت-چەك، تېلېفون ئارقىلىق قىلىنغان ئەرزىيەت ـ پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8:00 دىن 20:00 گىچە بولىدۇ. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ