«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2025 - يىل نەشرى)» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.11.20 14:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 2021 - يىلى نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2025 - يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىكتە نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم ئىجادىي تەرەققىياتى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

«پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)» جەمئىي 14 باب، 51 تارماق، 142 ماددا بولۇپ، 105 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان. «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى پۇختا، جانلىق بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)»نى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ