جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى

«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2025 - يىل نەشرى)»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2025.11.20 14:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى(2025 - يىل نەشرى)»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇملۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. 2020 - يىلى 11 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم ئىجادىي راۋاجى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 2021 - يىلى نەشر قىلغان «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2025 - يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)» دېيىلدى)نى تۈزدى. «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)»دا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە تەشكىللەش كېرەك. «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)»نى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك قانۇنچىللىق خىزمىتى تارماقلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىشكە ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ