شىنجاڭدىكى يەنە بىر جاي قارلىق دەم ئېلىشنى ئېلان قىلدى! ئۇدا توققۇز كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ!

2025.11.19 15:42 مەنبە: خەلق تورى

ئالتاي ۋىلايىتىدە 2025-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شۇ جايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قارلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. 11-ئاينىڭ 29-، 30-كۈنلىرى ۋە 12-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى شەنبە، يەكشەنبە بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توققۇز كۈنلۈك دەم ئالىدىكەن.

بۇ قېتىمقى قارلىق دەم ئېلىش ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز ئىقتىسادى بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە قار-مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەم ئېلىش مەزگىلىدە تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كېيىن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى بولۇپ قارلىق دەم ئېلىشنى يولغا قويغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى تۆت چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى، مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرى ۋە نۇرغۇن مېھمانسارايلار بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، قار تېيىلىش، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس ئېتىبارلارنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قار-مۇز كاتتا مەرىكىسىدە يۇرتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ