
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق خاتا سۆزنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتنى قوغداش، خەلقئارا ھەققانىيلىقنى قوغداش مەيدانى قىلچە ئۆزگەرمىدى. ياپونىيە تەرەپ خاتا سۆزىنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو خەلقىگە ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ