جۇڭگو ۋەكىلى: ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى ئەسلا يوق

2025.11.19 15:42 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى مەسىلىسىنى قاراپ چىققاندا مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى ئەسلا يوق.

فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار سۆزى ئىنتايىن خاتا، ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. بۇ، خەلقئارا ھەققانىيلىققا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ياپونىيەنىڭ تىنچلىق يولىدا مېڭىش توغرىسىدا بەرگەن ئاساسىي ۋەدىسىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق. بۇنداق دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى ئەسلا يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ