دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى −

گاۋشى زاۋمياۋنىڭ سەپسەتىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

2025.11.19 15:41 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنسۇڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئاسىيا ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىنجىڭ جېڭجاڭ بىلەن كېڭىشىش ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېڭىشىش داۋامىدا، جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق خاتا سۆزى توغرىسىدا ياپونىيە تەرەپكە يەنە بىر قېتىم كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گاۋشى زاۋمياۋنىڭ سەپسەتىسىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپ قىلغانلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپ قىلغانلىقى، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا تۈپتىن زىيان يەتكۈزگەنلىكى، خاراكتېرى ۋە تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغانلىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق غەزىپى ۋە ئەيىبلىشىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنى خاتا سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىپ، جۇڭگوغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ۋەقە تۇغدۇرۇشنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خاتالىقىنى تونۇپ، ئېغىشنى تۈزىتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداشقا كەسكىن دەۋەت قىلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ