2025-يىللىق دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى باشلاندى، جۇڭگونىڭ C 919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلىندى

2025.11.19 15:38 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە، تاماشىبىنلار 2025-يىللىق دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C 919 تىپلىق ئايروپىلانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

2025-يىللىق دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي دۇنيا مەركىزىدە باشلاندى. جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان C 919 تىپلىق ئىككى چوڭ ئايروپىلان كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، «كەلگۈسى يېتىپ كەلدى» دېگەننى باش تېما قىلغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا ئاۋىياتسىيە كەسپى ئۈچۈن مۇھىم ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى ھازىرلايدۇ. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى C 919 تىپلىق ئايروپىلان ۋە C 909 تىپلىق بىر ئايروپىلاننى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى C 919 تىپلىق ئايروپىلاننى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. بۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C 919 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە كۆرگەزمە قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەق مەيداندا C 919 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش كۆرگەزمىسى ئېلىپ باردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ