ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولمامدۇ؟

2025.11.19 15:36 مەنبە: خەلق تورى

ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولمامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئورگان تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

ئۇنداق ئەمەس. «ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق بەلگىلەندى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى تەڭ ھازىرلىغان بولسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ:

(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن سۇبيېكىتلىق سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە تۈزگەن تۈرلۈك ئەمگەك قائىدە-تۈزۈملىرى ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ھەقلىق ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(3) ئەمگەكچىنىڭ قىلغان ئەمگىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ