

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 30-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشى يېقىندا خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دىققەت رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك رەتلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق پىلانلاندى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن سېلىنما، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، كىنو قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئادىمىيەت ھارارىتى قوشۇشى كېرەك. بۇ يىل 9-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى بىر قاتار ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى تەرەپلەر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلەر تۈزۈپ بەرگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى بالدۇرراق ئەمەلىي پىلانغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلاملاردىكى سۆھبەت، ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدىكى قالتىس خىزمەتلىرىگە، بولۇپمۇ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ