
11-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نازارەت يېقىندا «2025-يىللىق چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش مەخسۇس تۈر مۇكاپات تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، بىر مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى مۇكاپاتلايدىكەن، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەنلىك مەدەتكە ئېرىشەلەيدىكەن.
لايىھەنى يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن. مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان، تىزىمغا ئالدۇرغان، تىجارەت قىلغان، ئالاقىدار كەسىپلەردە تىجارەت قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ساياھەت كارخانىلىرى بولىدىكەن. مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ساياھەتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سانى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا مۇكاپات ۋە ياردەم بېرىلىدىكەن، يەككە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ مۇكاپاتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ