
يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تۈرلەرنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.
تەڭشەش مەزمۇنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. يەر ئوتتۇرا دېڭىزى كەم قانلىق كېسىلى (يەر ئوتتۇرا دېڭىزى كەم قانلىق كېسىلى گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى، تۇرغۇن تىپلىق، يېنىك تىپلىق) ھەمدە قىزىل قان ئاقسىلى ھەر لېتىرىدا 90 گىرامدىن يۇقىرى بولغانلار، لاياقەتلىك.
2. كۆپ خالتىلىق بۆرەك ئىپادىسى بولسا، سۈيدۈك ئاقسىلى مۇسبەت بولمىغان ياكى بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلار، لاياقەتلىك.
3. نوقۇل سوزۇلما لىمفا ھۈجەيرىلىك قالقانسىمان بەز ياللۇغى، لاياقەتلىك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش-داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش تەرتىپى، تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆلچەم ئېنىق بولۇش، مەشغۇلات قېلىپلىق بولۇش، تەتبىقلاش بەلگىلىمىسى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ