جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىدىكى بەش ئايلىق قىز بوۋاق ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى

2025.11.18 15:39 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، جېجياڭ نىڭبودىكى بەش ئايلىق بىر قىز بوۋاق نىڭبو داشۆسى قارىمىقىدىكى ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىدا يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتۈپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نىڭبو شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كېچىدە مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: نۆۋەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، بۇ ۋەقەنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ