ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىگە قارىتا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى!

2025.11.18 15:39 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان، بۇ ئالاقىدار ئايروپىلان تىپلىرىنىڭ «ئۆلچەملىك ئاۋىياتسىيە ماتېرىياللىرىدىن باشقا زاپچاسلار»ى ۋە رېمونت مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باياناتچى قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاڭ شياۋگاڭ: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بەردى. بىز بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ