
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىغا يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيەگە بېرىشتىن ساقلىنىشنى، ياپونىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا شۇ جاينىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى رەسمىي ئەسكەرتتى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى، شيامېن ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىبارەت ئالتە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن سەپەرگە چىقىدىغان، ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە چېتىلىدىغان ھەمدە ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولۇچىلار بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ