ئاچچىقلىنىش راستتىنلا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتەمدۇ؟

2025.11.18 15:37 مەنبە: خەلق تورى

قان شېكىرىنى كونترول قىلىشتا تاماقنى ئاز يەپ، ھەرىكەتنى كۆپ قىلسىلا بولىدىغۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر كەيپىياتنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بەدەندىكى ئەڭ ئاساسلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ھورمونى ئىنسۇلىن بولۇپ، خۇشال بولغاندا، قايغۇرغاندا، غەزەپلەنگەندە، چۈشكۈنلەشكەندە ئادەم بەدىنى نۇرغۇن سېزىمچان ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ سېزىمچان ھورمونلار كەيپىياتنىڭ ئىنكاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش ھورمونىغا تەۋە. كەيپىيات زىيادە ھاياجانلانغان ئەھۋالدا، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش ھورمۇنى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەمما قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ھورمۇنى يەنىلا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، قان شېكىرى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى قان شېكىرى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەسلىدىكى مېتابولىزم تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ. پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يۇقىرى قان شېكىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ