
مۇخبىرىمىز جوۋ خۇەن خەۋىرى
‐ يۈرۈڭ، بازارغا بېرىپ كېلەيلى!
شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى گەنجوۋ شەھىرى جاڭگۇڭ رايونى يىڭجياۋ يۇقىرى مەھەللىسىدە، ئاھالە زېڭ لەيشياڭ يېزىدىن يېڭىلا كۆچۈپ كەلگەن قوشنىسى جۇڭ يۈليەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
‐ شەھەردىمۇ بازارغا بارامسىلەر؟- دەپ سورىدى جۇڭ يۈليەن ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن.
‐ بۇ «بازار» دەل گەنجوۋ شەھىرى يولغا قويغان «مەدەنىيلىك بازىرى»، سىز چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز،- دېدى زېڭ لەيشياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەدەنىيلىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ روشەن بەلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. «جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش» يەنە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
زېڭ لەيشياڭ بىلەن جۇڭ يۈليەن بىردەمدىلا بازارغا يېتىپ كەلدى.
بازاردا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ كۆرۈنمەيتتى، كوچا بويلاپ توۋلاپ ساتىدىغان سودىگەرلەرمۇ يوق ئىدى، جۇڭ يۈليەننىڭ كۆرگىنى يەلپۈگۈچ يەڭلىرىنى يەلپۈپ، داقا-دۇمباق چېلىۋاتقان، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ كېسەل كۆرۈش، چاچ ياساش، ئاياغ ياماش يايمىلىرى ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈۋاتقان ئاھالىلەر بولدى.
‐ ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىكەن! يېزىمىزدىكى بازاردىنمۇ بەكرەك قىزىيدىكەن،- دېدى ئۇ ئىشتىياق بىلەن.
ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە گەنجوۋدىكى ھەرقايسى كوچا-مەھەللىلەر مەيدان، باغچە قاتارلىق جايلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇپ، خەلقنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلدى.
«خوتۇننى قەرزنى ئۈستىگە ئالماسلىق كېرەك، چىن مېھىر-مۇھەببەت ھەممىدىن قىممەتلىك ...» مەيدان سەھنىسىدە، جەنۇبىي جياڭشىنىڭ «قىممەت تويلۇق سېلىشقا بولمايدۇ» ناملىق چاي ئۈزۈش تىياتىرى ياڭراق ئاۋاز بىلەن باشلاندى. سەھنىدە، ئارتىسلار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تىياتىرنى ئورۇنلىدى؛ سەھنە ئاستىدا كۆرۈرمەنلار ناھايىتى بېرىلىپ ئويۇن كۆردى.
‐ نومۇر ياخشى ئورۇنلاندى، ياخشى يېرى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى ئىشلار،- دېدى زېڭ لەيشياڭ.
سەيچا تىياتىرى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىيلىك ھېكايىسى بايان قىلىندى، گەنجوۋ «مەدەنىي بازار»ى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 1300 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
‐ يۈليەن، بۇياققا كېلىڭ، ماۋۇنى كۆرۈپ باقايلى.
زېڭ لەيشياڭ جۇڭ يۈليەننى تارتىپ مەيداننىڭ بىر تەرىپىگە ئېلىپ كەلدى. ئىجتىمائىي كاپالەت يىللىق تەكشۈرۈشى، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ... 12 يايما ئورنىدا، 30 دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم ئاھالىلەرنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋاتاتتى.
زېڭ لەيشياڭ ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى يايما ئورنىغا كېلىپ، يان تېلېفون ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىنى قانداق بېجىرىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، ئۈچ مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا كەسىپنى بېجىرىپ بولدى.
‐ ئالدىنقى قېتىملىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ئىشىدا ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ياردەم قىلغانىدى،- دېدى زېڭ لەيشياڭ.
‐ بۇ بەك ياخشى ئىش ئىكەن! بىز ياشىنىپ قالدۇق، پەرزەنتلىرىمىز يېنىمىزدا ئەمەس، بىلمىگەنلىرىمىزنى سورىساق بولىدىكەن،- دېدى جۇڭ يۈليەن.
«مەدەنىي بازار» ھەرقايسى تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ھەم پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، نەق مەيداندا ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، سىياسەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاممىغا جەمئىي 780 مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى.
‐ لەيشياڭ ئاچا، بۇ بازار ئەرزىيدىكەن!
‐ يەنە بىر يەر بار، مەن ھەر قېتىم كەلگەندە بارىمەن.
گەپ ئارىلىقىدا، ئىككىيلەن مەيداندىكى گۈللۈكنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۇ يەردە خالىس كېسەل كۆرۈش، تىكىش-ياماش قاتارلىق سەككىز يايما ئورنىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى.
تىككۈچى زېڭ فەنيۈن چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى ئىككى سانتىمېتىر قاتلاپ، گىرۋىكى بىلەن پۇچقىقىنى تەكشىلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىشلىدى.
‐ ھەر ھەپتىدە يېرىم كۈن خالىس مۇلازىمەت قىلىمەن، كۆپرەك ياخشى ئىش قىلسام، كۆڭلۈم خۇش بولىدۇ،- دېدى ئۇ.
چۈشكە يېقىن، بازاردىكى يايمىلار يىغىلغاندا، ئاھالىلەر يەنىلا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى.
گەنجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى شاۋگاڭ مۇنداق دېدى: «گەنجوۋ شەھىرى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، < مەدەنىي بازار > نى ياخشى بەرپا قىلىپ، مەدەنىي ئىستىل ئارقىلىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىدۇ.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ