چىڭداۋ زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى (باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى . جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن سادا)

2025.11.18 15:33 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى بو، خوۋ لىنلياڭ، ۋاڭ پېيلار خەۋىرى

«دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز. دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن دېڭىز - ئوكيانغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، دېڭىز - ئوكياننى تونۇپ، دېڭىز - ئوكياننى ئىدارە قىلىپ، دېڭىز - ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.»

− 2018-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ چىڭداۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى ئېچىپ چىقىش كېرەك. » پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

2024-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2012-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى؛ پۈتۈن دۇنيادىكى 18 خىل ئاساسلىق پاراخوت تىپى ئىچىدە، 14 خىل يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان زاكاز مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى؛ دېڭىز سۈيى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. ..ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى مەزمۇت قەدىمىنى ئەكس ئەتتۈردى.

خۇاڭخەي دېڭىز ساھىلى دېڭىزغا يۈزلىنىش ئارقىلىق گۈللىنىدۇ. 2018-يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ چىڭداۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز. دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېڭىز-ئوكيانغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دېڭىز-ئوكياننى تونۇپ، دېڭىز-ئوكياننى ئىدارە قىلىپ، دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭداۋ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېتەكلەش تىپىدىكى زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان شەھەر قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

بىر تال بېلىقنى قانداق قىلغاندا ياخشى باققىلى بولىدۇ؟

چوڭ سېرىق بېلىق دۇنيا بويىچە تۇنجى 100 مىڭ تونناژلىق ئاقىل بېلىقچىلىق چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق پاراخوتى «گوشىن 1-نومۇر»غا چىقتى، ئاتلانتىك ئوكيان بېلىقلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى تولۇق چۆككۈ شەكلىدىكى چوڭقۇر دېڭىز بېلىقچىلىق باقمىچىلىق جابدۇقى «شېنلەن 1-نومۇر»دىكى ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

بىر تۈپ دېڭىز يۈسۈنى قىممەت زەنجىرىگە قانداق يامىشىدۇ؟

سانائەت دەرىجىلىك، يېمەكلىك دەرىجىلىكتىن تېببىي دورا دەرىجىلىككىچە، بازار باھاسى بىر توننىسىنىڭ 50 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، چىڭداۋدىكى دېڭىزغا ئالاقىدار كارخانىلار دېڭىز يۈسۈنىنىڭ قىممىتىدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىر دېڭىز قولتۇقىدا قانچىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى قويۇپ بېرىلىدۇ؟

خەيشىۋەنگە 50 تىن ئارتۇق پاراخوت ياساش ۋە دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى كارخانىسى توپلانغان بولۇپ، بىر تۈركۈم ئىلغار دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى بۇ يەردىن چوڭقۇر دېڭىزغا يۈرۈش قىلىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەپ، دېڭىز-ئوكيان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز يېتىلدۈرۈلدى.

«< BG 136 > خەلقئارادىكى تۇنجى كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگۈزۈلگەن ئىممۇنىتېتلىق ئۆسمىگە تاقابىل تۇرۇش دېڭىز-ئوكيان پولىساخارىد تۈرىدىكى دورا بولۇپ، 2-قارارلىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. » جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان داشۆسىدە، چىڭداۋ دېڭىز-ئوكيان بىيو تېببىي دورىگەرلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش ئالىمى يۈ گۇاڭلى ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى جەنۇبىي قۇتۇپ قوڭۇر يۈسۈنى دېڭىز يۇمران مۈڭگۈزىنى تاللاپ، سەككىز يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

دېڭىز-ئوكيان يېڭىلىق يارىتىلغان ئۈچ خىل دورا كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىدا تۇرماقتا، دېڭىز-ئوكيان دورىلىرىدىن نەچچە ئونى ئۇقۇم جەھەتتىن دەلىللەش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ..چىڭداۋنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئاكتىپ ماددىلىرىنى بايقاشتىن كىلىنىكىلىق ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى.

چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۈچەيتىلىپ، دېڭىز-ئوكيان جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېز ئۆستۈرۈلدى.

چىڭداۋ گوشىن تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇڭ شاۋگۇاڭ: «بىزنىڭ < گوشىن > باقمىچىلىق خىزمەت كېمىسى كوللېكتىپىمىزغا يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى» دېدى

ئۈچ يىل ئىلگىرى، «گوشىن 1-نومۇر» چىڭداۋدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «كېمە بۆلۈمچىسىدە بېقىش + ئۈزۈپ باقمىچىلىق قىلىش»تىن ئىبارەت چوڭقۇر دېڭىز باقمىچىلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتقانىدى. بۇ يىل 4-ئاي ۋە 11-ئايدا، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئىككى پاراخوت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئاپتوماتلاشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتى، بېقىلىۋاتقان چوڭ سېرىق بېلىقنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى.

بىر باقمىچىلىق خىزمەت كېمىسىنىڭ بىر ئۇچى دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىقىغا، يەنە بىر ئۇچى دېڭىز - ئوكيان جابدۇق كەسپىگە تۇتاشقان بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتا.

دېڭىز-ئوكيان نېفىت قۇرۇلۇشى (چىڭداۋ) چەكلىك شىركىتىنىڭ چىڭداۋ مەيدانىدا، 14 تۈر، 30 نەچچە يەككە قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا؛ جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى چىڭداۋ بېيخەي كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ زاكازلىرى 2028-يىلىغىچە تىزىلىپ بولغانىدى.

سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، زامانىۋى دېڭىز - ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى.

بېلىق تۇتۇشتىن بېلىق بېقىشقىچە، خام ئەشيا سېتىشتىن مەھسۇلات سېتىشقىچە، ياسىمىچىلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققىچە، چىڭداۋنىڭ زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى ئېنىق: كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 1- كەسىپنى زورايتىپ، 2-كەسىپنى كۈچەيتىپ، 3-كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تىرىشىپ ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەمەلىيەت قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، پىكىر يولى شۇنچە ئايدىڭلىشىدۇ، جاۋاب شۇنچە ئايدىڭلىشىدۇ − چىڭداۋ «2+4+4» زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى، پورت سۇ تىرانسپورتى، دېڭىز-ئوكيان مەدەنىيەت-ساياھىتى، دېڭىز-ئوكيان خىمىيە سانائىتىدىن ئىبارەت تۆت ئەۋزەل كەسىپنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان دورىلىرى ۋە بىيو ياسالمىلىرى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، دېڭىز-ئوكيان يېڭى ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت تۆت يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش، دېڭىز-ئوكيان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىدىن ئىبارەت ئىككى كەلگۈسى كەسىپنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زېڭ زەنرۇڭ: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىز دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز - ئوكياننى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەيمىز» دەپ بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ