
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا قەشقەر شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ قەشقەر داشۆسى تېببىي مائارىپىنىڭ «مەكتەپ بىلەن دوختۇرخانا بىر گەۋدىلەشكەن» تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، رايون سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قەشقەر داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى 2022-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىر ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى، پەرۋىش ئىلمى، سەھىيە تەكشۈرۈش ۋە كارانتىندىن ئىبارەت ئۈچ تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىنغان، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 927 نەپەر. تېببىي شۆيۈەننىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر داشۆسى گۇاڭدۇڭ تېببىي داشۆسى، گۇاڭدۇڭ دورىگەرلىك پەن-تېخنىكا داشۆسى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭشەن داشۆسى، شەندۇڭ داشۆسى، جەنۇب تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئون ئالىي مەكتەپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، كۈمۈش ياشلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ