ئۈرۈمچىدىكى بۇ چوڭ تىپتىكى سودا تۈرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

2025.11.17 15:11 مەنبە: خەلق تورى

11 -ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى − خۇەنچيۇ خەلقئارا شەھەرچىسى ICC تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا تۇنجى تۈركۈمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان 3-بىنادىن 8-بىناغىچە بولغان جەمئىي ئالتە سودا بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلغانلىقىنى، ئىچكى قىسمىنىڭ 2-قېتىملىق قۇرۇلما قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ھازىر كېيىنكى بېزەش ۋە تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆردى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن مىدۇڭ رايونىنىڭ مۇھىم سودا، مەدەنىيەت ـ ساياھەت موتورىغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ