
11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جياڭ بىن يېقىنقى مەزگىلدىكى ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.
مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋ يېقىندا: ئەگەر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەنگە ھەربىي پاراخوت چىقارسا ھەمدە قورال كۈچى ئىشلەتسە، «ھايات-ماماتلىق كىرىزىس ۋەزىيىتى»نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، قوغدىنىش ئەترىتى قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ، دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا باياناتچى قانداق باھا بېرىدۇ؟
جياڭ بىن: ياپونىيە رەھبىرىنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق خاتا سۆزلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ روھى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بەردى، بۇنىڭ خاراكتېرى، تەسىرى ئىنتايىن ناچار، بۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق، ئىنتايىن خەتەرلىك.
تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، سىرتنىڭ ھەرقانداق ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. ياپونىيە تەرەپ ئەگەر تارىختىن چوڭقۇر ساۋاق ئالماي، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، ھەتتا تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىگە قوراللىق ئارىلىشىشقا پېتىنسا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پولات ئىستىھكامى ئالدىدا چوقۇم باش-كۆزى قانغا بويىلىپ، ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ