گۇاڭجوۋ نەنشادا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبەت تۇپرىقى يېتىشتۈرۈلدى

2025.11.17 14:58 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى خۇ جيەن، ۋاڭ يۈننا

دېڭىز ئاستىغا 3000 مېتىر چۆككىلى بولىدۇ، مەشغۇلاتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى سانتىمېتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. ..گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ نەنشا رايونىغا جايلاشقان شېنخەي جىرېن (گۇاڭجوۋ) تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئېغىرلىقى 12 توننىدىن ئاشىدىغان لەيلىمە شەكىللىك چوڭقۇر دېڭىز تۇرۇبا كابېلىنى كۆمۈش ماشىنا ئادىمى جىددىي ياسىلىۋاتاتتى. بۇ، شىركەتنىڭ يېقىندا ئېرىشكەن چەت ئەل زاكازى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭقۇر دېڭىز ماشىنا ئادىمىنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئېكسپورت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

2023 -يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «گۇاڭدۇڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى چوڭ پۇرسەت، چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئىشلەپ، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇجياڭ دېلتىسىنى ئاساسىي بازا قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىغا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.» بۇ يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۇاڭدۇڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھاياتىي كۈچكە ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە باي بولغان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.»

2022 -يىلى، گوۋۇيۈەن «گۇاڭجوۋ نەنشادا دۇنياغا يۈزلەنگەن گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، نەنشا رايونىغا «مەۋقەنى قولتۇق رايونىغا قويىدىغان، شياڭگاڭ-ئاۋمېن بىلەن ماسلىشىدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك سۇپا بەرپا قىلىش» بۇرچىنى يۈكلىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، نەنشا رايونى مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبەت تۇپرىقىنى پۇختىلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇردى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش−

−«چوڭقۇر دېڭىزغا تۇرۇبا كابېلىنى كۆمۈش خۇددى <يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش> كە ئوخشايدۇ، مەشغۇلاتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە ئىشەنچلىكلىكىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى.» شېنخەي جىرېن شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە ياسىمىچىلىق باش نازارەتچىسى چياۋ يۆكۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ماشىنا ئادەمنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش تېخنىكىسى، چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈپ گۇرۇپپىلىنىپ يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئۈچ يىلدىن بۇيان جەمئىي 200 تۈردىن ئارتۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، كۆپ خىل چوڭقۇر دېڭىز ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى زاكاز سوممىسى 250 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

چوڭقۇر سۇ پورتىغا ئىگە نەنشا رايونى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كېمىسازلىق ھەم دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

ئۇل تەتقىقات پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى. بۇ يىل 2 ـ ئايدا، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان تۇنجى دېڭىز-قۇرۇقلۇق بىرلەشكەن دۆلەت مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى − سوغۇق بۇلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسى تەتقىقات قۇرۇلمىسىدا نەنشا رايونىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆيۈشچان مۇزنى كەسىپلەشتۈرۈش، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

نۆۋەتتە، نەنشا رايونىغا جەنۇب دېڭىز-ئوكيان ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەجرىبىخانا قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتىدىن 22 سى توپلانغان بولۇپ، كېمىسازلىق ۋە دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، كەسىپنى ئايلاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش −

شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى (گۇاڭجوۋ) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يۆتكەش-ئايلاندۇرۇش بازىسىدا، گۇاڭجوۋ جىكې ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى جاڭ ۋېنزې تونۇشتۇرۇپ: «ماتېرىيالنى كۆپەيتىش، ئازايتىش بىر گەۋدىلەشكەن بۇ D 3 لىق بېسىش ئۈسكۈنىسىگە بىر تەرەپتىن ماتېرىيال دۆۋىلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئىنچىكە رېمونت قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقىت، ماتېرىيالنى تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى.

بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئاساسى تەتقىقاتى شياڭگاڭدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىسى نەنشادا ئايلاندۇرۇلدى. «شياڭگاڭ بىلەن نەنشا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يۈزلىنىشىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشتى. بۇ يىل شىركەت 10 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ» دېدى جاڭ ۋېنزې.

«شياڭگاڭدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، نەنشادا ئايلاندۇرۇش»تا گۇاڭجوۋ جىكې ئايرىم مىسال ئەمەس. 2024-يىل 9-ئايدا، نەنشا رايونى، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى (گۇاڭجوۋ) بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى (گۇاڭجوۋ) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش بازىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەلا سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ماكانلاشتۇرۇپ ئايلاندۇرۇشقا جەلپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى ۋە شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى (گۇاڭجوۋ) نەنشادا 110 دىن ئارتۇق كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

«شياڭگاڭ، ئاۋمېندا تەتقىق قىلىپ ئېچىش + نەنشادا ئايلاندۇرۇش» قاتارلىق كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، نەنشا رايونى شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن 15 نى بەرپا قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللىدى. نۆۋەتتە، نەنشا رايونىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىكى يېتىشتۈرۈۋاتقان كارخانا (تۈرى) 2336گە يېتىپ، پۈتۈن رايون بويىچە توپلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن كارخانىسى 3100 دىن ئاشتى.

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دادىل ئىزدىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش –

نەنشا رايونى لۇڭشۆ كوچىسىدا، مېيجياۋ خەلقئارا تەمىنات زەنجىرى بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. «3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تۈر تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى يەرگە ۋىۋىسكا ئېسىش تاماملاندى، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي ئىش باشلىنىپ، ۋاقىت تەننەرخى ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى» دېدى گۇاڭدۇڭ مېيجياۋ بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى تاۋ زىلى.

نېمە ئۈچۈن بۇنچە تېز بولدى؟ قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى.

كەسىپ تۈرلىرى يىرىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى، نەنشا رايونى «كۆپ خىل تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، لايىھەنى تەكشۈرۈش بىلەن قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىپ، ئىش بېجىرىش ھالقىسىنى قىسقارتىپ، بېجىرىش ۋاقتىنى تۆت خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشى، بالدۇر ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، نەنشا رايونىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.5 ئاشتى، ئەمەلىي بار كارخانا 30 مىڭدىن ئارتۇق كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، نەنشا رايونىدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان سانائەت سېلىنما تۈرلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %23.3 ئېشىپ، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.7 ئاشتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز <گۇاڭجوۋ نەنشادا دۇنياغا يۈزلەنگەن گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى> نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى سىجىل قوزغىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز» دېدى گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نەنشا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ