
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20 - قېتىملىق جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسى ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان دەۋر تېمىسىغا دۇچ كەلدى. ئىككى پارتىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ماركسىزمنى يەرلىكلەشتۈرۈش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشنىڭ دوستلۇق يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى پارتىيەنىڭ ئالماشتۇرۇشى، سۆھبەتلىشىشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇش جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نەزەرىيە مۇھاكىمىسى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، 20 - قېتىملىق جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋيېتنامنىڭ نىڭپىڭدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ