
11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، شىنجاڭ گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەركەزلىك تۈزەش بىرتۇتاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تۈزەشتە دىققەت ھەر كۈنى سائەت 22:00 دىن ئەتىسى سائەت 8:00 گىچە بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا شەھەرلەردىكى يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئەتراپىدىكى يوللار، شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يوللار ھەمدە يېزا رايونلىرىدىكى يېزا-بازار بازارلىرى، دېھقانلار ئارامگاھى ئەتراپىدىكى يوللار، ھاراققا چېتىشلىق قاتناش ھادىسىسى ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان نۇقتىلار قاتارلىق ئاچقۇچلۇق رايونلارغا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈلىدىكەن. تۈزەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈش، تۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ھەرىكەتچان ئەلالاشتۇرۇپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق ئاسان ۋەقە پەيدا قىلىدىغان بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، يول يۈزىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ