
11-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ 6859 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمىدىن شاڭخەيگە قاراپ ئۇچتى، بۇ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتايدىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بوشلۇقتىكى ئۇچۇش مۇساپىسىگە پەقەت بەش سائەتلا كېتىدىغان بولۇپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 16 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ