ۋىۋىسكىنى ئېلىۋېتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىشتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمى (باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى . جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن سادا)

2025.11.14 15:46 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز ياڭ شوبى، جاۋ جىڭفېڭلار خەۋىرى

2019-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ئىستىلنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.»

«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

2024-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پەنجياۋەن بازىرى سىيى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىستىل جەھەتتىكى بىر تۈپ ئۆزگىرىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى ئاممىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتۇق، ھازىر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئىش بېجىرىپ بېرىش، مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولدۇق.»

نەزەرىمىزنى شىمالغا ئاغدۇرساق، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى چىڭسىخوزا ناھىيەسىدە، ۋىۋىسكىنى ئېلىۋېتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرى بۇ ئۆزگىرىشنى دەلىللەپ تۇرماقتا.

ھېكايىنى 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. «70 نەچچە ياشقا كىرىپ قالدىم، مېڭىشىم قولايسىز، ئائىلەمنىڭ 35 مو يېرىنى پەرۋىش قىلىشىم بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ، يېرىمنى ئوبوروت قىلىپ ياخشى باھادا سېتىۋېلىشنى ئويلايمەن.» مانا بۇ چىڭسىخوزا ناھىيەسى ياۋگوۋ يېزىسى بۇسەنۋا كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاڭ زېڭشياۋنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

بىرمەھەل سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ زېڭشياۋ رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىدۇ. بۇ يەردە قاتار تىزىلغان بەش ئىش بېجىرىش كۆزنىكى بار بولۇپ، نۇرغۇن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ زېڭشياۋ ئىش بېجىرىدىغان ئادەمنى تاپالمايدۇ.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن يۇڭشىن شەھەرگە يىغىنغا باراتتى، باشقا كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراش ئىشى بار ئىدى.

جاڭ زېڭشياۋ خەن يۇڭشىنغا تېلېفون قىلىدۇ. خەن يۇڭشىن ئامالسىز قالغاندەك تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا تېلېفوندا:«تاغا، كەنتىمىزدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھازىر يەرنى ئوبوروت قىلىشقا ئامالسىز، بېجىرگىلى بولغاندا ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلىمەن» دەيدۇ.

جاڭ زېڭشياۋنىڭ ئىلتىماس-تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئىدى. بۇسەنۋا كەنتىدە 60 ياشتىن ئاشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئاشاتتى، يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا، ئىش قىلىشى قولايسىز بولغاچقا، يېرىنى ئوبوروت قىلماقچى بولغانلار ئاز ئەمەس ئىدى.

خەن يۇڭشىننىڭ تەڭلىكىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. شۇ چاغدا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن كەنتكە ئون نەچچە ۋىۋىسكا، 30 نەچچە بەلگە ئېسىپ قويغان بولۇپ، ھەربىر ۋىۋىسكىنىڭ كەينىگە ھېسابات دەپتىرىنى رەتلەش، يىغىن ئېچىپ ئۆگىنىش ... دېگەندەك ئىشلار يوشۇرۇنغانىدى. مۇرەككەپ ئىشلار كەنت كادىرلىرىغا دائىم «قىلىپ بولالمايدىغاندەك» تۇيغۇ بېرەتتى.

«شۇنچە يىللاردىن بۇيان، كۆپچىلىكتە تەپەككۇر ئادىتى شەكىللىنىپ، ۋىۋىسكا سىرتىدىكى ئىشلارغا قارىتا تەشەببۇسكارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى» دېدى خەن يۇڭشىن.

«ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يەر ئوبوروت قىلىش ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئېھتىياجى بار، بىز بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك.» بۇسەنۋا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى لى رۇينىڭ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغانىدى، ئۇ ياش، غەيرەتلىك بولۇپ، مەسىلىگە يولۇققاندا لاۋ خەن بىلەن دائىم مەسلىھەتلىشەتتى.

«يەر ئوبوروت قىلىش تەس ئەمەس، مۇھىمى ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئاسانغا توختمىمايدۇ.» لاۋ خەن شياۋلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:«بىرىنچىدىن، قولىمىزدىكى خىزمەتنىمۇ قىلىپ بولالمايمىز؛ ئىككىنچىدىن، ياخشى قىلالمىساق، پۇقرالارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.» ئون نەچچە ۋىۋىسكا ئوخشاش بولمىغان مەسئۇلىيەت ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بەزىدە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىشى تەسكە توختايتتى، كۆز قارىشى تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ بولۇپ قالغانىدى.

2019-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» دەپ بېكىتىلدى. شۇ يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ئىستىلنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.»

2024-يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت كادىرلىرىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋىۋىسكىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان چاغدىكى 38 پارچىدىن 12 پارچىغا ئازايغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى:«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، قوشۇننى خىل، مەمۇرىيەتنى ئىخچام قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.»

2024-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» قاراپ چىقىلدى، بۇ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام شەكلىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان تۈزۈم-قائىدىنىڭ تۈزۈلۈپ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىشى، يېتەكلىشىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئېنىق ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئىچكى موڭغۇل دىققەتنى ئاساسىي قاتلامدا ۋىۋىسكا ئېسىش كۆپ بولۇش، ئىش تۈرى كۆپ بولۇش قاتارلىق جاھىل كېسەللىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، 22 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەنت (كوچا، مەھەللە)لەرنىڭ خىزمەت ئىش تۈرلىرىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 نەچچە تۈرنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولدى، 53 مىڭ بەلگە تاختىسىنى ئېنىقلىدى.

پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

شاڭخەي ئىسپاتنى ئازايتىش، سىستېمىنى ئازايتىش، باھالاشنى ئازايتىش، ۋىۋىسكا ئېسىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەت «تۆتنى ئازايتىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى؛ چۇڭچىڭ «بىر جەدۋەلدە راۋانلاشتۇرۇش» ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تۇتاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ سانى، مەلۇمات جەدۋىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى ۋە مەلۇمات جەدۋىلىگە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانىنى بىردەك %60 تىن كۆپرەك ئازايتتى؛ يۈننەن ئۇنىۋېرسال نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش، مەخسۇس باھالاش قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچلەرنى يەنىمۇ ئازايتتى. ..ھەرقايسى جايلار كەنت (مەھەللە) ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ سىرتىدىكى تۈرلۈك ۋىۋىسكىلارنى تۆتتىن ئالتىگىچە قېلىپلاشتۇردى، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرىنىڭ سانىمۇ يىلمۇيىل تۆۋەنلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ھۆججەتنى ئىخچاملاپ يىغىننى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن باھالاشتا مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشقىچە؛ «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشتىن ئاساسىي قاتلامدىكى «قالايمىقان ۋىۋىسكا ئېسىش» مەسىلىسىنى تۈزەشكىچە، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم توسۇقى بارغانسېرى چىڭىتىلىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى سىجىل تارىيىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئاجرىتالايدىغان بولدى.

بۇسەنۋا كەنتىگىچە كونكرېتلاشتۇرغاندا، ئون نەچچە ۋىۋىسكا تۆتكە ئازايتىلدى. بۇ قېتىم، خەن يۇڭشىن ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، لى رۈي تېخىمۇ يېقىشلىق بولدى، «يايمىنى ساقلاپ قېلىش، ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ھۇرۇنلۇق ئازايدى؛ خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن ئىش قىلىش تەشەببۇسكارلىقى كۆپەيدى.» ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆزگىچە كىچىك پۇراقلىق گۈرۈچ تېرىش، ھەر مو يەرنىڭ ئوبوروت ھەققى 100 يۈەن بولۇشتىن ئىبارەت لايىھەنى ئاخىر شەكىللەندۈردى.

بۇ يىل مول ھوسۇل مەزگىلىدە، جاڭ زېڭ قاپىقىنى تۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئوبوروت ھەققى ئاز ئەمەس ئىكەن، يەنە پايدا ئالغىلى بولىدىكەن» دېدى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك يېڭى ئىستىل جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ