
ياپونىيە خۇشېڭ ئەمگەك ۋازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان نوپۇس ھەرىكەتچان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياپونىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار (ياپونىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ سانى تەخمىنەن 319 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.3 تۆۋەنلىگەن. ياپونىيە باش ئىشلار ۋازارىتى بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، ياپونىيە نوپۇسى (ياپونىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىدە ئالمايدۇ) ئۇدا 16 يىل ئازايغان، نوپۇس ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 120 مىليون 65 مىڭ بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن تەخمىنەن 908 مىڭ ئازايغان، ئازىيىش نىسبىتى 1968-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
ياپونىيە باش ئىشلار ۋازارىتى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، ياپونىيەدە تۇغۇلغانلارنىڭ سانى يەنە تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. نوپۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، مەمۇرىي رايونلاردىن پەقەت دۇڭجىڭنىڭ نوپۇسىلا ئازراق كۆپەيگەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %0.13 بولغان؛ ياش قاتلىمىدىن قارىغاندا، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %29.58 كە يەتكەن، 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.04 بولغان، ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەش، ياشانغانلار كۆپىيىش يۈزلىنىشى يەنىمۇ مۇقىملاشقان. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سانىنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ياپونىيە جەمئىيىتىدە توي قىلماسلىق، كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىگەنلىكىدىن ئىبارەت.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ