ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتىدۇ!

2025.11.13 15:04 مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈرى تەتقىقات مەركىزى (شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش تۈر قۇرۇلۇشى مەركىزى) تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ لياڭخۇي 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىرغا: «2-لىنىيەنىڭ شىمالىي بۆلىكىنى 2026-يىل 12-ئايدا پۈتكۈزۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلاندى» دېدى.

مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى نەنمېن بېكىتىدە 1-، 2-لىنىيەگە ئالماشسا بولىدۇ، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بىلەن گاۋتىيې تەۋەلىك رايونى ئارىسىدىكى ئاممىۋى قاتناش تېخىمۇ قولاي، تېز بولىدۇ. «بىر تەرەپتىن، شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مېترو قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن يەر يۈزىدە يولنى ئىگىلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قاتناش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىدۇ» دېدى يۈ لياڭخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ