
يېقىندا، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن فىلىم «بازاردىكى خۇشاللىق» ناملىق فىلىم 31-نۆۋەتلىك مىنسكى خەلقئارا فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىغا يەنە بىر خەلقئارالىق شان-شەرەپ قوشتى.
مۇخبىرنىڭ تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىستۇدىيە ئىشلىگەن «بازاردىكى خۇشاللىق» ناملىق فىلىم دۇنيادىكى 120 دۆلەت ۋە رايون يوللىغان 3760 ئەسەر ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، باھالاش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشكەن.
بۇ قېتىم، «بازاردىكى خۇشاللىق» ناملىق فىلىم جۇڭگودىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ فىلىم سۈپىتىنىڭ ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنولارنىڭ خەلقئارا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ