قاقلانغان تاتلىق ياڭيۇ يېگەندە بۇ ئىككى نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئاچكۆزلۈكنى باسقىلى بولىدۇ ھەم قان شېكىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ

2025.11.13 15:02 مەنبە: خەلق تورى

بىلەمسىز؟ قاقلانغان تاتلىق ياڭيۇ قان شېكىرىنىڭ قاتىلى ئىكەن ئەمەسمۇ! تاتلىق ياڭيۇ ئەسلىدىلا قارا ئاشلىق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر تاتلىق ياڭيۇنىڭ سورتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، تالا مىقدارى تۆۋەنلىدى، قەنت مىقدارىمۇ ئاشتى. ئەگەر تاتلىق ياڭيۇ يېيىش بىلەن بىللە قان شېكىرىنى كونترول قىلماقچى بولسىڭىز، مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: ئەسلىي سورتىنى يېيىش، ياخشىلانغان سورتىنى يېمەسلىك كېرەك. «قاقلاپ پىشۇرۇش»نىڭ ئورنىغا «ھورداپ پىشۇرۇش» كېرەك، بۇنداق قىلغاندا شېكەر شىرنىسى چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمى تېخىمۇ ياخشى، ھەزىم قىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ