
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى چياۋ دۇڭ، جاڭ شۇەيجېنلەر خەۋىرى
باش قىش كىرىپ، ئۈچ دەريا مەنبەسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى.
سەھەردىكى تۇمان تېخى تارقىمىغانىدى، چىڭخەي يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چۈمالەي ناھىيەسىدە، ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغۇچى سەيدىڭ قېنىق كۆك رەڭلىك چارلاش-قوغداش كىيىمىگە چىڭ ئورۇنۇپ، مۈرىسىگە «ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ ئۈچ دەريانى قوغداش» دېگەن خەت بېسىلغان بىرېزېنت سومكىنى ئېسىپ، سۇس قاردا چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەش باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچ دەريا مەنبەسىنى ياخشى قوغداش»نى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش» «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىندى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەملىكەت بويىچە دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقتىسى بولغان تۇنجى ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنىڭ كۆلىمى 190 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يۈشۇ ئوبلاستى ئۈچ دەريا مەنبەسى يادرولۇق رايونىدىن ھالقىغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئارىسىدىكى يول يىراق بولغاچقا، ئەخلەتنى يۆتكەپ توشۇش ئىلگىرى قىيىن مەسىلە ئىدى.
«بىر تۈركۈمىنى يىغساق، بىر تۈركۈمىنى تازىلاپ تۇرىمىز»، سەيدىڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، «ئوتلاقتىكى ئەخلەتلەرنى تېرىش ئۈچۈن، جۈپ-جۈپ پەلەيلەر ئۇپراپ تېشىلىپ كەتكەنىدى.»
مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشتىن، مەنبەدىن تۈرگە ئايرىشتىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.
سەيدىڭ چۈمالەي ناھىيەسىنىڭ چۈماخې يېزىسى ئاڭلا كەنتىدىكى چارۋىچى پېڭسونىڭ ئۆيىگە كېلىپ سورىدى:«تۈنۈگۈنكى ئاشخانا ئېشىندى ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بولدۇڭلارمۇ؟»
پېڭسو ھويلىنىڭ سىرتىدىكى ئىككى تۆمۈر چېلەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«ئارپا تىرىپىنى سولغا، قەغەز خالتىغا ئوراپ قاچىلىغانلىرىنى ئوڭغا ئايرىدۇق، ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق. قېنى جىڭلاپ بېقىڭ، بۇ ئىككى چېلەكنى قانچىلىك جۇغلانما نومۇرغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟» دېدى.
بۇ جۇغلانما نومۇرلارنى يېزا-بازارلاردىكى «يېشىل تاللا بازار»لىرىدا ئاشلىق-ياغ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
باشقا ئەخلەتلەرگە كەلسەك، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش سىستېمىسى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونى «مەنبەدىن تۈرگە ئايرىش، يۆتكەش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش، يېشىل بىر تەرەپ قىلىش» يېپىق ھالقىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرمەكتە: ئۇلار رايون ھالقىغان ئەخلەت يۆتكەش-توشۇش يول ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چەت، يىراق كەنتلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى «سىرتقا توشۇيالايدىغان»؛ يېشىل بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ئەخلەتلەرنى «تولۇق بىر تەرەپ قىلالايدىغان» ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى؛ «يېشىل تاللا بازار» جۇغلانما نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىچىلارنى «قاتنىشىشنى خالايدىغان» قىلدى.
«ئەڭ چوڭ قىممەت ئېكولوگىيەدە، ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت ئېكولوگىيەدە، ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچمۇ ئېكولوگىيەدە»، يۈشۇ «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، پۈتۈن رايون بويىچە سولياۋنى ئىشلىتىشنى چەكلەش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئازايتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتتى ... تەدبىرلەر پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىپ، ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى: ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى كۆپىيىپ 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىن چىقىدىغان چىڭخەي ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى كەسمە يۈزىنىڭ سۇ سۈپىتى 2-تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولدى.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى بايلىققا قانداق ئايلاندۇرۇش كېرەك؟
«جاۋاب بىزنىڭ < ئىككى تاغ > ىمىزدا − قارلىق تاغ ۋە يايلاق تاغدا» دېدى چۈماخې يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوجيې دىڭزېڭ.
قارلىق تاغ دېگىنى يۈجۇ چوققىسى. ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرى كۆپەيدى، شۇ جاي يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
يايلاق تاغ، يەنى زارىگانا جىلغىسى، بۈگۈنكى كۈندە قوتازلار توپ-توپ بولۇپ يۈرمەكتە. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، يايلاق تاغ ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كەلدى. ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىقنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشى «يۈشۇ قوتازلىرى»نى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە ئايلاندۇردى.
ئېكولوگىيە پايدىسى خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقىغا ئايلاندى. ئاڭلا كەنتى بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن 590 مىڭ يۈەن داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇردى ھەمدە ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە 1600 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەپ بەردى.
«بىر جاينىڭ گۈزەل بولۇشى» «بىر جاينىڭ باي بولۇشى»غا تۈرتكە بولدى. سەي دىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى ئېكولوگىيە بىلەن ياخشى تۇرمۇش خۇددى سېرىق ماي بىلەن زەنباغا ئوخشايدۇ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.»
«پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، <جۇڭخۇا سۇ مۇنارى>نى ياخشى قوغداپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چۈمالەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تەن شېڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ