مەملىكەت بويىچە تۇنجى! شىنجاڭدىكى يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى

2025.11.12 15:42 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11 دە، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئۈچ مۇنارلىق، تۆت ھالقىما «O»شەكىللىك پاكار مۇنارلىق قىيپاش تارتىلما كۆۋرۈك − ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى. ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى غۇلجا شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تۇتىشىدىغان يادرولۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.028 كىلومېتىر، پۈتۈن كۆۋرۈككە 54 جۈپ قىيپاش تارتىلغان ئارقان ئورنىتىلغان، ئەڭ ئىنچىكە ئارقاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 273 مىللىمېتىر بولسىمۇ، لېكىن 400 توننا تارتىش كۈچىنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ مۇساپىسى بىر سائەتتىن بەش مىنۇتقا قىسقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ