
«مېڭىنى يەپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش» دېگەن قاراش خاتا. ھايۋانات چوڭ مېڭىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ياغ بولۇپ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ.
چوڭ مېڭە ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشتا، ھەر كۈنى ئورۇق گۆش، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللارنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىپ، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە پات-پات پىكىر يۈرگۈزۈپ، مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ