«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2025.11.12 16:23 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى چاڭيۈ، جوۋ شياۋيۈەنلەر خەۋىرى

2024-يىل 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى:« جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە:«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

− «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئورتاق گەۋدە. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

2014-يىل 5-ئايدا، 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى كۆپلىگەن سورۇندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ چۈشەندۈردى.

2024-يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە كەلدى.

«ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدە يېقىنقى زامان تارىخى سۆزلىنەمدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە مۇنداق جاۋاب بەردى:«سۆزلىنىدۇ! ئەپيۈن ئۇرۇشى، شىنخەي ئىنقىلابى، نەنخۇدىكى قىزىل كېمە ...»

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى:«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك.»

بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى ...

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.

− «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»، ھەر مىللەت ئاممىسى ئورتاق بېيىشى كېرەك.

«مىللەتلەر رايونى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. تەرەققىيات جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى.

2013-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن شياڭشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى قېتىم «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2019-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا:«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىل 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېما مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«ئورتاق بېيىش يولىدا بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.»

بۇ، غەيرەت-شىجائەتكە تولغان، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەزنى ئېغىر ۋەدە.

2021-يىل 2-ئايدا، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققاندا، شۇ چاغدىكى سىچۇەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى سەنخې كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى كەي ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى:«يۇرتداشلار سىزنى ئىنتايىن سېغىندى، ماڭا سىزگە يەنە بىر قېتىم < كاشاشا (رەھمەت) > دېيىشنى تاپىلىدى.»

سەنخې كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. 2018-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن ئوتداننىڭ يېنىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. بىر يىلدىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىلگىرىكى «نامراتلار كۈلبەسى» «ئالتۇن كۈلبە»گە ئايلانماقتا.

ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق بېيىش يولىدا ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ھەمكارلىقى بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەشتەك «فۇجيەن-نىڭشيا ئەندىزىسى» قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان «تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت»نى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا تېخىمۇ سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

− «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى داۋاملىق ئۆزى پىلانلىدى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونىغا جايلاشقان پەنلۇڭ مەھەللە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە.

2023-يىل 12-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:«ھەر مىللەت خەلقى كۆك ئاسمان ئاستىدا تەڭ ياشاپ، بىر ئېتىزنى تەڭ تېرىپ، بىر دەريانىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.»

باش شۇجى يول بويى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋنىڭ لىپىڭ ناھىيەسى جاۋشىڭ دۇڭجەي كەنتىگە كېلىپ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى:«يۇرتداشلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ... بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇپ، خاسلىقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىللەتلەر رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ