
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى جېڭ يى، خۇاڭ چاۋ، لى جيەنگۇاڭ
«ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆگىنىشى بىلەن تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى داۋامىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشى، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىشى، كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك».
− 2020-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا، بەزى مەكتەپلەر ئىمتىھان نومۇرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، چېنىقىشقا سەل قارىدى، ئاتا-ئانىلارمۇ تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىپ نومۇرغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىدى. ئاستا-ئاستا تەنتەربىيە دەرسى سەيلە دەرسىگە ئۆزگەردى، دەرس ئارىلىقى جىمجىتلىققا چۆمدى، «بودەك بالا»،«كۆزەينەكلىك بالا» قاتارلىق مەسىلىلەر بالدۇر كۆرۈلۈش، كۆپ يۈز بېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
«بالىلار يۈگۈرسۇن » 2020 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆگىنىشى بىلەن تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى داۋامىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشى، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىشى، كىشىلىك قەدىر ـ قىممىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
بۇ سۆھبەت يىغىنىدا، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئاڭلىدى. يېرىم يىلدىن كېيىن، «مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش» «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى.
«بالىلارنى يۈگۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»نى چۆرىدەپ، بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر مەيدان سىياسەت جەھەتتە كۈچ ئۇلاش سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلدى.
بالىلارنى يۈگۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق، ياخشى تەسىس قىلىش ئاچقۇچ.
«يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يورۇقلۇق ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»، «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
جىلىن ئۆلكىسى ئەسلىدە بار بولغان تەنتەربىيە دەرس سائىتى ۋە چۈشتىن بۇرۇنقى، چۈشتىن كېيىنكى چوڭ دەرس ئارىلىقىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 1-يىللىقتىن 2-يىللىققىچە بولغان ھەر ھەپتىدە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتى دەرسىنى كۆپەيتتى، 3-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە بولغان ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتى دەرسى كۆپەيتتى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىدىكى نۇرغۇن رايون، نۇرغۇن مەكتەپلەر ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرۈپ، خاسلاشقان تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن تەمىنلىدى. ..
تەنتەربىيە دەرسىدە «ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ»، دەرستىن سىرتقى ئۇنىۋېرسال چېنىقىش كۈچەيتىلدى.
«مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2024 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك»، نۇرغۇن جاي بەس - بەستە ھۆججەت تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئىككى سائەت چېنىقىش»نى تەشەببۇس قىلدى. ..
«ئىككى سائەت» ئىسلاھاتى نۇرغۇن جايدا نۇقتىدا سىناق قىلىندى. شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلار دەرس ئارىلىقىدىكى ئون مىنۇتنى 15 مىنۇتقا ئۇزارتتى، جياڭسۇ، خۇنەن، خەينەن قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ ماڭدى. دەرس ئارىلىقىنى بالىلارغا قايتۇرۇپ بەردى، 15 مىنۇت ھاياتىي كۈچكە تولغان «پەيت»كە ئايلاندى.
ئۆسۈپ يېتىلىشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى دەرس ئارىلىقىدىكى 15 مىنۇتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئائىت سەككىز تۈرلۈك تەدبىر»، «جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئائىت 20 تۈرلۈك تەدبىر»نى يولغا قويۇپ، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئىزلارنى ئادەم تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىزاھاتى قىلدى.
...
بىر تۈردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. ئىلگىرى بېيجىڭ 4-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ساۋاقداش شياۋ سۇڭ مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈشتىن قورقاتتى. مەكتەپ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاجىز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ تەشكىللەپ، خالىسانە يېتەكچىلىك قىلدى. «ئون نەچچە سېكۇنت ئىلگىرىلىدۇق.» ئۇ بەدەن ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشمۇ ئۆگىنىش ھالىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈردى، دېدى.
بىر پارچە دەرس جەدۋىلى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ نورمال ھالىتىگە قاراش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى جىڭجۇڭ كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سىنىپنىڭ دەرس جەدۋىلىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئىلگىرى سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى تەنتەربىيە دەرسى يوق ئىدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر كۈنى بىر سائەت دەرس ئۆتۈلۈپ، دەرسنىڭ ئىسمى «تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق»قا ئۆزگەرتىلگەن. يېڭى دەرس جەدۋىلىدە دەرس سائىتى تەقسىماتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلگەن: نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈلۈپ، بىر دەرس سائىتىنىمۇ ئىگىلىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
بىر ئادەتنى ئاتا - ئانىلارنىڭ روھىي ھالىتىدىن كۆرۈش كېرەك. «ئاتا ـ ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ئاسرىسا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشى كېرەك»، بارغانسېرى كۆپ ئاتا - ئانىلار تەنتەربىيە دەرسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. «بالىلار بەزىدە لىفىت ساقلىغاندىمۇ بىرنەچچە قېتىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ.» ئائىلە باشلىقى ۋاڭ خانىم مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دېدى، «چوڭ بولغاندا، خىزمەتكە چىققاندىلا ئاندىن ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرمەيلى.»
بىر پەن ئىمتىھان ئارقىلىق مائارىپ ئېكولوگىيەسىگە قاراش كېرەك. تەنتەربىيەنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىدىن باشلاندى. بېيجىڭ شەھىرى تەنتەربىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 40 نومۇردىن 50 نومۇرغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، جەريان خاراكتېرلىك باھالاش 20 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ؛ 2027 ـ يىلى، 2029 ـ يىلى 60 نومۇر ۋە 70 نومۇرغا ئۆستۈرۈلىدۇ.
مائارىپچى يې شېڭتاۋ ئىلگىرى «مائارىپ سانائەت ئەمەس، يېزا ئىگىلىكى» دېگەن سۆزنى مىسال قىلىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرگەن: خۇددى زىرائەت تېرىغانغا ئوخشاش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3 - يىللىقىدىن 6 - يىللىقىغىچە بولغان يازما تاپشۇرۇقنىڭ ئوتتۇرىچە تاماملىنىش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ..«ئىككىنى ئازايتىش»، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش چىڭ تۇتۇلۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەر «يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»نىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئوقىدىن چىقىش قىلىنىپ، ساغلاملىق بىرىنچى دەيدىغان مائارىپ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش يەتكۈزۈلدى.
ئۆسۈپ يېتىلىش بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى سىنايدۇ. مەيلى مەكتەپ تەربىيەسى ياكى ئائىلە تەربىيەسى بولسۇن، يىراق كەلگۈسى نىشاندىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدا قەدەمنى ياخشى ئېلىشى، يىراققا يۈگۈرۈشى ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.
«تەنتەربىيە چېنىقىشى كۆپرەك بولسا، <بودەك >لەر، < كىچىك كۆزەينەك >لەر ئازراق بولىدۇ»، «بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز»، «پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلمىي ئىختىساسلىقلار قارىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى، مائارىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك»...باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسەت جەھەتتە كۈچ ئۇلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولۇپ، كۆچەتلەرنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا ئوزۇق بەرمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ