مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2025.11.11 16:24 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپتىن باشقا ئوقۇتۇش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە تەدبىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مەۋقە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپ، دىققەت ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھۆججەت تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش «ئاق تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىخچاملاپ تولدۇرۇش، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش-ئېنىقلاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تارماقلارنىڭ خىزمەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سەككىز تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

«ئۇقتۇرۇش»تا سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، دەل جايىدا باشقۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇشتەك قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. مىقدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، «ئاق تىزىملىك»تىكى ئىش تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، مەكتەپكە كىرىش پائالىيىتىنىڭ قېتىم سانى قاتارلىق كونكرېت كۆرسەتكۈچلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سىياسەتنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ