
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ جېن، خوۋ ۋېييى) مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە 11-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شياۋخۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، لى شياۋخۇڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىدىن ئومۇميۈزلۈك لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئۇنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى.
ئۇ لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن ـ تېخنىكا تەدبىرلىرىنى بەلگىلىشىگە تىرەك بولۇش كېرەك. كەڭ ئاكادېمىكلار پەن ـ تېخنىكىدىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئىلمىي ماقالىنى ۋەتىنىمىز زېمىنىدا يېزىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يېقىندا، لى شياۋخۇڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاب شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلانچابتىكى خۇاۋېي بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سەنشيا ئۇلانچاب مەنبە تورى يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىناق بازىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ چاڭلىن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپ»لىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ۋاڭ چاڭلىن «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە شىزاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك يېشىپ چۈشەندۈردى.
ۋاڭ چاڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپ»ىنى تەييارلاش جەريانى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەقىل ـ پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش جەريانى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ئىش»نى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك.
12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ چاڭلىن لاسا شەھىرىنىڭ دازى رايونىغا جايلاشقان شىزاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىيات ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «يۈزتۇرا» ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى لېكسىيەنى قانات يايدۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ زېشىڭ) پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە چىڭخەي ئۆلكىسىدە لېكسىيە سۆزلىدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيدۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، جۇ ۋېيدۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپ»ىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن چىڭخەينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىدىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئۇنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.
جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن ۋە ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگىلى، ياخشى ئىگىلىگىلى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇ ۋېيدۇڭ خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بەنيەن كەنتى، جۇڭگو تېلېگرافى (دۆلەت) رەقەملىك چىڭخەي يېشىل چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكە شەكلىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ