ياپونىيەدە ئۇدا ئۈچ قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى، كۆپ يەردە تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2025.11.10 15:05 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە «سايتاما خەۋىرى»نىڭ ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردىن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ياپونىيەنىڭ خونسيو ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈچ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 5 تىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، سائەت 6 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە سائەت 7 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، تەۋرەش دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5.4 بال، 5.5 بال ۋە 5.8 بال بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى خونسيو ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سانلۇغا يېقىن دېڭىزدا بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ