يېڭى بانكا قۇرۇلىدۇ! ھۆكۈمەت تەستىقلىدى

2025.11.10 15:06 مەنبە: خەلق تورى

11 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشكەن.

دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى» ۋە ئالاقىدار ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ خەۋەردار بولدۇق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىچە تەستىق جاۋاب بەردۇق:

1.شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلدۇق.

2. شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىنى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك.

3. قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىجارەت باشلاش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە تىجارەت باشلاشنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ