
جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، كۈن چىققاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرسا، ياڭچى پەيدا بولمىغان چاغدا ئۆزىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ خوراپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن، يەنە بۆرەكنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىكەن. ھازىرقى زامان تېبابىتىدە بايقىلىشىچە، قىش پەسلىدە كۈن كەچ چىققاچقا، ئادەم بەدىنىدىكى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش دەۋرىيلىكى كەينىگە سۈرۈلۈپ ئۇزىرايدىكەن، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي ئورنىدىن تۇرۇش بىيولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرغانغا باراۋەر بولۇپ، يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىنى تەڭشەشتە شۇ جاينىڭ كۈن چىقىش ۋاقتىنى ئاساس قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ياز پەسلىدىكىدىن 30-60 مىنۇت كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ