
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جېڭ شەنجيې تەشۋىقات-لېكسىيە دوكلاتى بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپ»ىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جېڭ شەنجيې «15-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، «15-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.
جېڭ شەنجيې لېكسىيەسىدە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويۇش ئالدىدا ئاچقانبىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپى» ۋەزىيەتكە بېقىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شۇڭا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك.
دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، جېڭ شەنجيې يەنە نەنجىڭ يۇمشاق دېتال جىلغىسىدىكى بىر يۇمشاق دېتال كارخانىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچىلەرگە يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكە شەكلىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، سودا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ ۋېنتاۋ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ۋاڭ ۋېنتاۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ «تەكلىپ»ىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، «15-بەش يىل» مەزگىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسىي نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلدى ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.
ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئاڭلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.
11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ۋېنتاۋ جىنەن مەركىزىي سودا رايونىغا كېلىپ، بىر قىسىم تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىش-لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ