
-11ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو U22 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 6-قارارلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىدىغان 30 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن بەھرام ئابدۇۋەلى، ئۈمىدجان يۈسۈپ، مۇتەللىپ ئىمىنقارى، ئىمران مەمەت تاللاندى. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان U18 ئەرلەر پۇتبول دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە شىنجاڭلىق ئېھسان ئىلھام، ئەلنەزەر لوقمان، بۇنيامىن ئابدۇسالام قاتارلىق ئۈچ كىچىك ماھىرمۇ كىردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ