شى جىنپىڭ فىجى زۇڭتۇڭى لالابالاۋۇ بىلەن جۇڭگو - فىجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

​لى چياڭ فىجى زۇڭلىسى رابۇكا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.11.07 09:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لالابالاۋۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن فىجى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىجى تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت. جۇڭگو بىلەن فىجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى، جۇڭگو - فىجى دوستلۇقى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لالابالاۋۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

لالابالاۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: فىجى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق مەنپەئەت ھەم تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە بولغان ئورتاق ئارزۇ ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، رايون ۋە خەلقئارا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، فىجى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ فىجى زۇڭلىسى رابۇكا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىجى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

رابۇكا مۇنداق بىلدۈردى: فىجى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە داۋاملىق ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ