شى جىنپىڭ يامايكىنىڭ قارا بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يامايكا باش ۋالىيسى ئاللىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ يامايكا زۇڭلىسى خولنىسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.11.07 09:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يامايكىنىڭ قارا بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يامايكا باش ۋالىيسى ئاللىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يامايكىنىڭ كۈچلۈك قارا بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە زور مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىلانغانلار ۋە ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يامايكا جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر. جۇڭگو تەرەپ يامايكا تەرەپنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، يامايكا خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يامايكا زۇڭلىسى خولنىسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ