

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بوران - چاپقۇنغا تولغان تاشقى مۇھىتتا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن موسكۋا ۋە بېيجىڭدا ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردۇق. ئىككى تەرەپ قويۇق ماسلىشىشنى ساقلاپ، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىق تورتىنى ياخشى تەييارلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشى؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەدىكى تېخىمۇ كۆپ زاتلارنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق ھەمكارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مىشۇستىن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو چوقۇم «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە بېكىتىلگەن نىشاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بۇ يىل ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، رۇسىيە - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ