

بۇ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مىسىرنىڭ گىزادىكى بۈيۈك مىسىر مۇزېيىدا سۈرەتكە ئېلىنغان قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى رامېسىس II نىڭ غايەت زور ھەيكىلى.
شۇ كۈنى بۈيۈك مىسىر مۇزېيى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۈيۈك مىسىر مۇزېيى دۇنيادىكى يەككە مەدەنىيلىك (مىسىر مەدەنىيتى)نى مەخسۇس نامايان قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇزېي بولۇپ، 20 نەچچە يىلدا پۈتۈپ ئېچىۋېتىلگەن. بۇ مۇزېينىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى تۇتانكاموننىڭ 5992 ھەمدەپنە بۇيۇمى تۇنجى قېتىم تولۇق، مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى خۇف قۇياش كېمىسى، قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى رامىسىس Ⅱ نىڭ غايەت زور ھەيكىلى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ