
مۇخبىرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، رەقەملەشكەن خىزمەت كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يان تېلېفون خىزمەت ئالاقىسىنىڭ مۇھىم قورالغا ئايلانغان. تۈرلۈك يان تېلېفون ئالاقىسى ۋە خىزمەت يۇمشاق دېتاللىرى دەل ۋاقتىدا، قولاي بولغاچقا، خىزمەت سورۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا، ئەمما بۇ يەنە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ فىزىكىلىق قوغدىنىش چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، رەقەملىك تارقىتىش تورىغا كىرىپ، مەخپىيەتلىكنى يوقىتىپ قويۇش، ئاشكارىلاپ قويۇش خەۋپ-خەتىرىنى يوشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئاشكارا دېلو مىسالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم ناھىيەلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر پارچە مەخپىي ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىدارە باشلىقىنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يەتكۈزگەن. بۇ ئىدارە ئىشخانىسىدىكى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئەۋەتىلگەن خادىم خۇ X X تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستىنى بىۋاسىتە سۈرەتكە تارتىپ ھەرقايسى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت توپىغا يوللىغان. مەلۇم مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاڭ X X ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي تەكشۈرمەيلا، سۈرەتنى شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت توپىغا يوللاپ، ھۆججەتنىڭ دەرھال كۆپ توپتا تارقىلىپ، مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېلو يۈزبەرگەندىن كېيىن، خۇ X X، جاڭ X Xكە بىردەك پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ